شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى

قۇتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قانىمىز

سەن ئۈچۈن، ئەي يۇرتىمىز، بولسۇن پىدا بۇ جانىمىز ،

قان كېچىپ، ھەم جان بېرىپ، ئاخىر قۇتۇلدۇردۇق سېنى .

قەلبىمىزدە قۇتقۇزۇشقا بار ئىدى ئىمانىمىز ،

يارۇ ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىممىتىمىز سەن ئۈچۈن .

دۇنيانى سورىغان ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز ،

يۇرتۇمىز، بىز يۈز-كۆزۈڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق .

ئەمدى ھېچ كىرلەتمىگەيمىز، چۈنكى تۈركتۇر نامىمىز ،

ئاتىللا، چىڭگىز، تۆمۈر دۇنيانى تىترەتكەن ئىدى .

جان بېرىپ شان ئالىمىز، بىز ھەم ئۇلار ئەۋلادى بىز

چىقتى جان، ھەم ئاقتى قان، دۈشمەندىن بولدى ئەل-ئامان

ياشىسۇن، ھېچ ئۆلمىسۇن، پارلانسۇن ئىستىقبالىمىز

– تەۋفىق مۇھەممەد ئەلى

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

19 − twelve =